Uyghur←ChineseMain Dictionary
مونترېئال
دۇنيادىكى شەھەرلەر
蒙特利尔
měng tè lì ěr
كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا - سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 1200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ 60% نى فرانسۇز، 12% نى ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى، 7% نى ئىتالىيە قان سىستېمىسىدىكىلەر، 4% نى يەھۇدىلار، قالغىنىنى نېمىسلار، گرېكلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 40% ى فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار مونترېئال ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتەۇراقلاشقان. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ 18% نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئارالنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا، قالغىنى يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ جايدا ئەسلى ئىندىئانلىقلار ئولتۇراقلاشقان، 1642 - يىلى فرانسىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. 1760 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سودا - سانائەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەردە ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ياغاچچىلىق، تېرە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، بۇلاردىن باشقا يېڭى سانائەت تارماقلىرىدىن پاراۋوز، پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ شەھەردە 1962 - يىلى قۇرۇلغان 45 قەۋەتلىك + (پىلوس) شەكىللىك چوڭ بىنالار، نۇرغۇن يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، مېھمانخانىلار، تىياتىرخانىلار، بانكىلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒙雷阿勒
méng léi ā lèDئۇنىۋېرسال
蒙特利尔
měng tè lì ěr