Uyghur←ChineseMain Dictionary
مونتگومېرى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒙哥马利
méng gē mǎ lì
دۇنيا تارىخى
蒙哥马利
méng gē mǎ lì
(1887 - 1976)، ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. سانخوست خانلىق ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1908-يىلى ئارمىيىگە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1939 - 1940-يىللاردا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 3-دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، فرانسىيىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان، ئاخىرىدا دۇنكېرككە چېكىنگەندە دۆلىتىگە قايتقان. 1942 - 1943-يىللاردا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 8-كورپۇسىغا قوماندانلىق قىلىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئالمېئىن جېڭىدە روممېل قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە - ئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، مەغلۇبىيەتنى غالبىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق نام چىقارغان. 1943-يىلى 12-ئايدا 8-كورپۇسنىڭ سىتسىلىيە بىلەن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى ماشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. شۇ يىلى 6-ئايدا مۇئاۋىن قوماندانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئېيزىنخا ئوئېرنىڭ نورماند قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىەە قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 21-كورپۇسىغا قوماندانلىق قىلىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا تاكى گېرمانىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى رايونلىرىغا بارغانغا قەدەر ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. 1945 - 1946-يىللاردا گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلاخي ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى ئەنگلىيە دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى ئەنگلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئالمېئىن ۋىكوندى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1946 - 1948-يىللاردا ئەنگلىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1948 - 1951-يىللاردا ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبۇرگ دائىمىي مۇداپىئە ئورگىنى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1951 - 1958-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھسى تەشكلاتى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1958-يىلى پېنسىيىگە چىققان. 1960، 1961-يىللىرى جۇڭەونى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان. <غەلىبىگە قاراپ مېڭىش>، <نورماندىدىن بالتىق دېڭىزىغىچە>، <ئالمېئىندىن ساگۇن دەرياسىغىچە>، <رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئۆتۈشىدىغان يول> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.