UyghurMain Dictionary
مونتانېللى
دۇنيا تارىخى
(1813 - 1862). ئىتالىيىنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى، دېموكراتچى. ھەق تەلەپ قانۇنى پروفېسسورى. بۇرۇنلا سېن -سىمونىزمغا ئېتىقاد قىلغان. 1843-يىلى ئېئاگگىلىنونچىلارنىڭ پروتېستانت ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1847-يىلى يېڭى گۇئېلفى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1848 - 1849-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ماززىنىنىڭ ئومۇمىي سايلام ئاساسىدا ئىتالىيە ئاسااسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنىنى ئېچىشنى قوللاپ، ئاۋسترىيە كۈچلىرىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى 10-ئايدا توسكانا ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى چاقىرىشقا پائال تەييارلىق كۆرگەن. 1849-يىلى 2-ئايدا توسكانادىكى ئۈچ كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، توسكانا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن شۇنىڭدەك رىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىدا بولغان. لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. 50-يىللىرى پارىژغا قېىچپ كەتكەن. 1854-يىلى <ئىتالىيە مەسىلىسى. ئىتالىيە ئىنقىلابىدىكى بىر قانچە تاىرىخىي ئىزاھاتلار توغرىسىدا مۇقەددىمە> ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، 1848 - 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابى سىياسىي ئىنقىلاب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مۇقەررەر ھالدا ئىجتىمائىي خاراكتېر ئالىدۇ، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە خىيالىي سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. 1859-يىلى توسكاناغا قايتىپ كەلگەن ۋە پىدائىيلار ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، توسكانا ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كىنەزنى ئاغدۇرۇشقا ئاۋاز بەرگەن. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ پالامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.