Uyghur←ChineseMain Dictionary
مونرونىزم
دۇنيا تارىخى
门罗主义
mén luó zhǔ yì
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مونرو 1823-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرغان خېتىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپ بولۇپ تارىختا مونرونىزم دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ياۋروپادىكى ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ئامېرىكىغا دوستانە مۇئامىلە قىلمىغانلىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش، <ئامېرىكا قىتئەسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ماھىيەتتە ئامېرىكا قىتئەسىنى ئامېرىكا بۇژۇئازىيىسىنىڭ قىتئەسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. شۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ بۇ شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى ئەنگلىيە بىلەن روسىيە، پېروسىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ <مۇقەددەس ئىتتىپاق> نىڭ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشىغا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا مائېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت.