Uyghur←ChineseMain Dictionary
مونو ساخارىدلار
بىئولوگىيە
单糖
dāntáng
پولى گىدروكسىللىق ئالدېگسىدلار ياكى پوى گىدروكسىللىق كېتونلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەركىبىدە ئالدېگىد رادىكالى بولغىنى ئالدوزا (مەسىلەن، گلۇكوزا)، تەركىبىدە كېتون رادىكالى بولغىنى كېتوزا (مەسىلەن فروكتوزا) دەپ ئاتىلىدۇ. مونوساخارىد مولېكۇلىسىنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ئاتومىنىڭ سانىغا ئاساسەن ترىئوزا (مەسىلەن، گلىتسېر ئالدېگىد)، پېنتوزا (مەسىەن، رىبوزا، دېئوكسى رىبوزا)، گېكسوزا (مەسىلەن، گلۇكوزا، گالاكتوزا، فرۇكتوزا، ماننوزا) ۋە گېپتوزا (مەسىلەن، سېدوگېپولوزا) ۋە گېپتوزا (مەسىلەن، سېدوگېپتولوزا) لارغا بۆلۈنىدۇ. مونو ساخارىد سىممېترىك بولمىغان بىرىكمە بولغاچقا خىلمۇ خىل ئىزو مېرى بولۇپ، ئۇنىڭدىكىلىرى D - ۋە L تىپلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. α - ۋە β - تىپلىق دەپمۇ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئالدىنقىسى كاربونىل رادىكالىغا ئەڭ يىراق بولغان سىممېترىك بولمىغان كاربون ئاتومىدىكى گىدروكسىل رادىكالىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ، كېيىنكىسى بىرىنچى كاربون گىدروكسىل رادىكالى ۋە ھىدروگېننىڭ نىسپىي ئورنىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. گېكسوزىنىڭ تەركىبىدە سىممېترىك بولمىغان بەش دانە كاربون ئاتومى بولغانلىقتىن، 32 خىل ئىزومېرى بولىدۇ. مونو ساخارىدلار نۇر بۇراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە سەل - پەل ئېرىيدۇ، ئوكسىدسىزلىنىش، ئوزازون، گىدرازون، ئېستېر، ئېفىر، گلۇكوزىد (ئاتسېتاللار) لارنى ھاسىل قىلىش ۋە كاربونىل رادىكالىنىڭ بەزى قوشۇۋېلىش رېئاكسىيىلىرى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.