Chinese→UyghurMain Dictionary
摩尼
دىن
mó ní
摩
مانى
دۇنيا تارىخى
مانى
(تەخمىنەن 216 - 276) مانى دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى. بابىلوننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا زوروئاستىر دىنىنىڭ جاھاندا يورۇقلۇق بىلەن جاھالەتنىڭ كۈرىشى مەۋجۇت دەيدىغان ئىككى مەنبەچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇستى دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دىن بەرپا قىلغان ھەمدە كېتىسفۇندا دىنىي ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلغان. كېيىن شەرققە ساياھەت قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا بارغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا جۇڭگوغىمۇ بارغان. 242-يىلى ئىرانغا قايتقان، شاپۇر Ⅰ نىڭ قوللىشىغا ئېىرشكەن، شاپۇر Ⅰ نىڭ قوغدىشى بىلەن ئىراننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىن تاقىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە دىنىي تەشكىلات قۇرغان. كېيىن زورئاستىر دىنىنىڭ ئالىي كاھىنىنىڭ چىرىك تۇرمۇشىغا ھۇجۇم قىلغنالىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆرەلمەسلىكى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. تەخمىنەن 276-يىلى گوندېشاپۇر شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.