Uyghur←ChineseMain Dictionary
مونگولار
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەر莫戈人
mò gē rén
مونگولار <مونگو - ئىنكۇندولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مونگولاردا زايىردا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىلىرى زايىردا (3 مىليون 700 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليۇن 200 مىڭ.
مونگولار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۇلار بۇساكا، ئېكوندا، بۇلېي، كېرا ۋە تېتېلاكۇسۇ قاتارلىق ئون نەچچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
مونگولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مونگو تىلىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
مونگولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا مانىخوت، بانان ئۆستۈرىلىدۇ.
ئىسسىق بەلباغ ئورمانزارلىقىدىكى ئاھالىلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ھېلىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى زور ھۇقۇققا ئىگە.
مونگولاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى خېلى ئەۋج ئالغان.
مونگولارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا ئۇسسۇللىرى خېلىلا بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.
تارىخ
莫戈人
mò gē rén
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.