Chinese→UyghurMain Dictionary
摩纳
دۇنيا تارىخى
موننېت
(1888 - 1979) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ لونداوندا تۇرۇشلۇق ئالاقىچى ئەمەلدارى ۋە فرانسىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلەر تەمىنات ۋە ھاۋا قاتنىشى بىرلەشمە كومىتېتىدىكى ۋەكىلى بولغان. 1818 - 1923-يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئەنگلاىيە - فرانسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940-يىلى فرانسىيە يېڭلىپ قالغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئەنگلىيىنى ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1943-يىلىنىڭ بېشىدا ئالجىرىيىگە بېرىپ، فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ئەلچى بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىشىغا بېرىلىپ كەتكەن، 1947-يىلى فرانسىيىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. غەربىي ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن، شۇڭا ئۇ <ياۋروپانىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتالغان. 1952 - 1955-يىللىرى ياۋروپا كۆمۈر - پولات شېرىكچىلىكى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، 1956 - 1975-يىللىرى ياۋروپانى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە ب د ت ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.