UyghurMain Dictionary
موللا سەدرە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1571 - 1640) ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن ۋە پەيلاسوپ. ئىسفاھان ئىلمىي ئېقىمىدىكى ئەڭ مەشھۇر زات. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم سەدىردىن شىرازى. شىرازىدا دۇنياغا كەلگەن. مىردەمەت ۋە بەھادىن ئەمىرنى ئۇستاز تۇتتى. ھاياتىدا پەلسەپە، تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. پرسىيىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ دەپ ئاتالدى. ئۇ يازغان <ئەسفەر ئەردەئە> (تۆت مۇساپە) دەپ مەنىۋى مۇساپىنىڭ ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ دەرىجىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، موللا سەدرە پەلسەپىسىنىڭ يەكۈنى ھېسابلىنىدۇ. موللا سەدرە بۇنىڭدىن باشقا <ئاللانىڭ ئېنىق دەلىلى>، <دىلدىكى نىيەت>، <>ھەدىسلەر كىتابىنىڭ ئاساسى< غا ئىزاھات> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.