UyghurMain Dictionary
موللا مۈشۈك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ياۋاش، جۈرئەتسىز، قورقۇنچاق بولۇپ قالماق؛ توخۇ يۈرەك بولۇپ قالماق: ئۇ بىزگە ھۆركىرىگەن بىلەن باشلىقىنى كۆردىمۇ شۇئان موللا مۈشۈك بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بەك ياۋاش، قۇرقۇنچاق، ھېچبىر ئىشنى جۈرئەتلىك قىلالمايدىغان.
ۋاي بىچارە، بەزىبىر ئىشلارغا كەلگەندە يۈرىكىڭ قاپتەك قىلغان بىلەن خوتۇنۇڭنىڭ ئالدىغا بارغاندا موللا مۈشۈك بولۇپ قالىدىكەنسەن - دە؟