Uyghur←ChineseMain Dictionary
مولامولا بېلىقى
بىئولوگىيە
翻车鱼
fānchēyú
<ئايسىمان بېلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېلىقلار سىنىپىنىڭ، ساندۇقسىمان بېلىقلار ئەترىتى، مولامولا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنى تۇخۇمسىمان، ياپىلاق، كۈمۈش رەڭ، تېرىسى كۆنگە ئوخشاش يىرىك، ئاغزى كىچىك، ئۇچىغا جايلاشقان، جاغلىرى مۇقىم تۇتاشقان، چىشلىرى بىرلىشىپ چىش پلاستىنكىسىنى ھاسىل قىلغان. كۆزى يۇمىلاق، ئۈستىگە جايلاشقان. ژابرا تۆشۈكى كىچىك. دۈمبە ساغرىسى پالاقچىلىرى تار، قىسقا ھەم ئېگىز، ئۇدۇل ئۆسكەن، قۇيرۇق پالاقچىسىغا تۇتاشقان. قۇيرۇق پالاقچىسى قىسقا، دولقۇنسىمان، قورساق پالاقچىسى يوق، كۆكرەك پالاقچىسى كىچىك. قۇيرۇق قىسمى قورۇلغان بولۇپ، قۇيرۇق ساپاقچىسى يوق، مۇنداقلا قاراشتا، بېشىلا بار قۇيرۇقى يوق بېلىققا ئوخشايدۇ. پۈۋىكى يوق، ھاۋا خالتىسىمۇ يوق. دۇنيادىكى يىللىق دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان چوڭ تىپتىكى بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. دائىم دېڭىزغا لەيلەپ يۈرىدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1 - 5.1 مېتىر، ئەڭ چوڭلىرى 5.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 4.1 توننا كېلىدۇ. قاسىراقلىق ھايۋانلار ۋە باش پۇتلۇق مولليۇسكلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، كىچىك بېلىقلارنىمۇ يەيدۇ. تۇخۇمغا بوغاز بولۇش مىقدارى 300 مىليون دانىغا يېتىدۇ. بېلىجانلىرى چوڭقۇر سۇلاردا ياشاپ، يېتىلىشىدە ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. مەملىكىتىمىز دېڭىز ياقىلىرىدا ئۇچرايدۇ، بىراق سانى ئاز، ئادەتتە 5 - 6 - ئايلاردا شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزلاردا تۇتۇشقا بولىدۇ. گۆشى ئاق، يېيىشكە بولىدۇ، تەمى كاراكاتسىيە (سىياھ بېلىق) گە ئوخشاش. جىگىرىدىن جىگەر مېيى ئىشلەپ كېسىلگەن جاراھەتلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. تېرىسى قېلىن بولۇپ خۇرۇم ئىشلەشكە بولىدۇ.