Uyghur←ChineseMain Dictionary
موغۇل ئىمپېرىيىسى
Domain: دىنى سۆزلۈكلەرئىسلام دىنى
莫卧儿帝国
mò wò ér dì guó
تارىخ
莫卧儿王朝
mò wò ér wáng cháo
Domain: دۇنيا تارىخى莫卧尔帝国
mò wò ěr dì guó
ھىندىستاندىكى ئىسلام دۆلىتى. 1526-يىلى، تېمۇرنىڭ ئەۋلاد بابۇر دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان. <موغۇل> دېگەن سۆز <موڭغۇل> دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ئاھاڭى. بابۇر ئۆزىنى موڭغۇل دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر، ئانا جەمەتى موڭغۇل قېنىدىن بولۇشى مۇمكىن) تارىختا ئۇنىڭ دۆلىتى موغۇل ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1556 - 1605)، زېمىنى تازا كېڭەيگەن. جەنۇبتىن باشقا، پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ئىچكى جەھەتتە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىسىدا، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە قۇدرەت تاپقان. ⅡⅤⅩ ئەسىردە روناق تېپىپ، ئىقتىسادىي گۈللەنگەن، مەدەنىيەت - سەنئىتى تەرەققىي تاپقان. ئەۋرەڭزېب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇم كۈچەيگەن، ئىچكى قىسىمدا ماراتلاr ۋە سېكلارنىڭ قوزغىلىڭى، تاشقىرىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا خارابلىشىشقا باشلىغان. 1857-يىلدىكى مىللىي قوزغىلاڭدىن كېيىن، باھادۇر شاھ Ⅱ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن موغۇل ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.