Chinese→UyghurMain Dictionary
模范国会
دۇنيا تارىخى
مودېل پارلامېنت
1295-يىلى 11-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅰ چاقىرغان فېئوداللىق دەرىجە ۋەكىللىرى يىغىنى. ئۇنىڭغا كاتولىك دىنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلا ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا يەنە رىتسارلارنىڭ ۋەكىللىرى (ھەربىر ئاپتونوم شەھەردىن ئىككى نەپەر) قاتناشقان. بۇ، ئەنگلىيىدە فېئوداللىق دەرىجىلىك پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلى كېيىنكى پارلامېنتلار تەرىپىدىن ئۇزاققىچە تەقلىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن <مودېل پارلامېنت> دەپ ئاتالغان.