Chinese→UyghurMain Dictionary
莫尔多瓦自治共和国
دۇنيادىكى شەھەرلەر
موردوۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
رۇس تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان. مەيدانى 26 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 966 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى موردوۋا ھەم رۇسلار ئىگىلەيدۇ. 1928 - يىلى موردوۋا مىللىي رايونى تەسىس قىلىنغان، 1930 - يىلى ئاپتونوم ئوبلاستقا ئۆزگەرتىلگەن، 1934 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. مەركىزىي سارانسكى شەھىرى. موردوۋانىڭ ش ەرقىنى ۋولگا دەريا بويى ئېدىرلىقلىرى، غەربىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئاساسىي دەريالىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ تارماقلىرى بولغام موكشا، سۇلا دەريالىرىدىن ئىبارەت. سانائەتتە يېمەكلىكنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئورمان كېسىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كەندىر توقۇمىچىلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. قارا بۇغداي، بۇغداي، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، گۆشلۈك چارۋا بېقىلىدۇ.