UyghurMain Dictionary
مۆڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
خامۇش، دەلدۇش دۆت، كالۋا.
گەپ قىلمىسام مۆڭ دەيدۇ، گەپ قىلسام دۆڭ دەيدۇ. (ماقال).* ئاۋۇ مۆڭ ئىكەن. ماۋۇ بېخىل ئىكەن، ئەمدى مەن كىمگە تېگەي (ماقال). *
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
مۆڭمەك، مۆڭكۈمەك، مۆڭكۈش. چىچاڭلىماق، چىچاڭ ئاتماق.
ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلسام، نېمە ئانچە مۆڭىسەن!؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گەپ - سۆز قىلماي، جىم يۈرىدىغان.
ئاۋۇ مۆڭ، ماۋۇ ئۈنچىقماس، ئەمدى گەپ قايسىغا تېگەي. جىمھۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. ئۈنچىقماسنىڭ كارامىتى ئىچىدە. گەپ قىلساڭ ۋالاقتەككۇر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس دەيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۆزلىمەيدىغان، جىم تۇرىدىغان.
ۋالاقتەككۈر، كاسكى، ۋات - ۋات، ۋىت - ۋىت، كاسكاس، گەپ ئانىسى، گەپ خالتىسى، ئۇششاق سۆز
ئورۇنسىز، قۇرۇق گەپنى دائىم ۋە تولا سۆزلەيدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. كاس - كاسقا قۇلىقىڭنى خار قىلما. كاسكىدىن دۆت ئارتۇق. بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن. گەپ قىلساڭ، ۋالاقتەككۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس. جىمجىت سۇ چوڭقۇر بولار، ئۈنچىقماس ئەر تەدبىرلىك. ۋىت - ۋىت خوتۇن ئۆي بۇزار. كاسكىنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. ئۇششاق سۆز ئەل بۇزار. گەپ ئانىسى گەپتىن قالسا، كۈنى تەس. گەپ خالتىسىنىڭ خالتىسى تۆشۈك.
شىۋىلەر
دۆت، كالۋا، دىۋەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ياخشى - ياماننى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، كاللىسى تازا ياخشى ئىشلەپ كەتمەيدىغان، دۆت، كالۋا.
- ئۇ راستتىنلا مۆڭ ئادەممۇ؟ ياق بۇ بىر ئويۇن، - دېدى قاسىم ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ