Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېنېكې
دۇنيا تارىخى
迈内克
mài nèi kè
(1862 - 1954) ەېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بونن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تارىخ تەتقىق قىلغان. 1887 - 1910-يىللىرى بېرلىن دۆلەتلىك ھۆججەتلەر سارىيىدا ئىشلىگەن، مۇشۇ مەزگىلدە ترېسچىكتىن كېيىن <تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1901-يىلدىن باشلاپ ستراسبۇرگ، فرېئىبۇرگ ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسور بولغان. تارىخ تەتقىقاتىدا رانكېدىن ترېسپىكىچە بولغان ئەنئەنىچى نېمىس تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1907-يىلى <دۇناي پۇراچىلىقى ۋە مىللىي دۆلەت> نى ئېلان قىلغان، كېيىن يەنە <يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دۆلەت توغرىسىدىكى ئەقلىي ئۇقۇم> نى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە تارىخ ساھەسىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ناتىسىتلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1932-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن ئىستېپا بەرەەن. 1935-يىلى يەنە <تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى> نىڭ تەھرىرلىكىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، <تارىخچىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى> نى يېزىپ چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ۋەزىپلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئەركىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن: يەنە <ⅩⅪ ۋە ⅩⅩ ئەسىرلەردىكى پرۇسسىيە ۋە گېرمانىيە>، <تارىخنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى ۋە قىممىتى> قاتارلىق ئەسەلىرى بار.