Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېنام دەرياسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر梅南河
méi nán hé
تايلندنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. مېنام تايلاند تىلىدا <دەريالارنىڭ ئانىسى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دەريانىڭ باش ئېقىنىدا بىن دەرياسى، ۋاڭ دەرياسى، يۇڭ دەرياسى ۋە نەن دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تارماقتىن تەشكىل قىلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ دەنباڭ ئېگىز تەكشىلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ ناكون ساۋان شەھىرىنىڭ يېنىدا مېنام دەرياسىنىڭ ئاساسىي قىسمى بىلەن قوشۇلىدۇ، ۋاشىن ئەتراپىغا كەلگەندە دەريا ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ، تەكشى ھالدا جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، باڭكوك قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. مېنام دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1352 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا كەڭ دائىرىلىك دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن. بۇ جاي تايلاندنىڭ ئەڭ مۇھىم شال ئۆستۈرۈش رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا دەريا تورلىرى تەرەپ - تەرەپلەرگە سوزۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشىغا بەك قولاي، پۈتۈن دەريانىڭ قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا يولىنى بويلاپ، بىۋاسىتە باڭگوك شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. مېنام دەرياسىدا لاتقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا ئاغزى ھەر يىلى سىرتقا قاراپ 4.5 مېتىردىن 6 مېتىرغىچە كېڭىيىپ تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.