Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىناڭكا بائۇ بەگلىكى
Domain: دۇنيا تارىخى米亵葛卜国
mǐ xiè gě bo guó
تەخمىنەن 1351-يىلى مالايانىڭ پادىشاھى ئادىتياۋارمان (1340 - 1375-يىلىرى تەختتە بولغان) مادجاپاخىت بەەلىكىنىڭ قىستىشى بىلەن پايتەختىنى سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مىناڭكا بائۇ رايونىغا كۆچۈرۈپ بېرىپ، مىناڭكا بائۇ بەگلىكىنى بەرپا قىلغان. ⅤⅩ ئەسىردە بىر قىسىم مىناڭكا بولار مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ پاخاڭ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1405-يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلىنىڭ 3-يىلى) مىناڭكا بائۇ دۆلىتى جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. ⅥⅩ ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى گوللاندىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1686-يىلى ماتارام دۆلىتى (ئىسلام) بىلەن بىرلىشىپ گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكە تەسىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، بىراق نەتىجە چىقمىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.