Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىلوش
Domain: دۇنيا تارىخى米洛什
mǐ luò shén
(1780 - 1860) سېربىيە كىنەزى (1815 - 1839، 1858 - 1860). ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. 1804 - 1813-يىللىرىدىكى سېربىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، بىراق قوزغىلاڭ داۋامىدا تۈرۈكلەرنىڭ يەرلىكلەر بىلەن يارىشىشىغا ياردەملىشىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رودىنىك، بوژىكا، كراگوئىۋاتىسدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ ئوبا كىنەزى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. 1815-يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ يۇرتى تاكوۋ يېزىسىدا تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 7-ئايدا رودىنىڭ، ساساك، بوسارىۋاتىس، كرارېۋۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېلىپ، شىمالىي قىسىم رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. سۇيىقەستلىك ۋە پارا بېرىش ۋاسىتىسى بىلەن سېربىيە كىنەزى دېگەن ئۇنۋاننى قولغا كىرەۈزۈۋالغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ېلىشىم ھاسىل قىلىپ سېربىيىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، پادىشاھ مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. يېزىلاردىكى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى ساقلاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن كەڭ دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى بىلەن فېئوداللارنىڭ توپىلىڭى پارتلىغان. 1839-يىلى ئورنىنى بوشىتىپ بېرىپ، چەت ئەلگە كېتىشىگە مەجبۇر بولغان. 1858-يىلى قايتىپ كېلىپ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.