UyghurMain Dictionary
مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە چوڭ بۇردۇئازىيىسىنىڭ پارتىيىسى. 1866-يىلى كۈزدە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان بۇردۇئا لىبېرالىستلىرى ئوڭ قاناتلىرىدىن تەركىب تاپقان. گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىدىكى كۈچلۈك بۇرژۇئا پارلامېنت گۇرۇھى. پرۇسسىيە يىرىك سانائەت خوجايىنلىرى ۋە قىسمەن ئوتتۇرا بۇردۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. بىسماركنىڭ سىياسىتىنى قوللاپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغان. 1884-يىلى بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ سول قانىتى <ئايرىلغۇچىلار> تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئەركىن پىكىرلىكلەر پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغان؛ ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى <ھېيدېلبېرگ پروگراممىسى> دا گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلا پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مونوپول بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1907 - 1909-يىللاردا بولۇۋ ئىتىتپاقىغا قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيە ئىچىدە جىددىي ئىختىلاپ پەيدا بولغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يېڭىۋاشتىن گېرمانىيە خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن؛ يەنە بىر قىسمى تەرەققىيپەرۋەر خەلق پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ، گېرمانىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.