Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىلان قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى米兰起义
mǐ lán qǐ yì
ⅨⅩ ئەسىردە ئىتالىيىدىكى مىلان خەلقىنىڭ ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرىشى. 1848-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مىلان خەلقى ياۋروپا ئىنقىلابى ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ئاۋسترىيىنىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلغان. پۈتكۈل شەھەردە بارىگادىلار قۇرۇلۇپ، ئىشچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر، ستودېنتلارنىڭ ھەممىسى كۈرەشكە ئاتلانغان ھەمدە مىكتانىئو باشچىلىقىدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرغنا. بەش كۈنلۈك باتۇرانە ئېلىشىش ئارقىلىق، ئاۋسترىيىنىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى مىلاندىن چكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، قوزغىلاڭ غەلىبە قازانغان. تېزلىك بىلەن ۋېنېتسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى ۋە پۈتكۈل ئىتالىيە تەۋەسىدىكى ئىنقىلابنىڭ ئۆزلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.