UyghurMain Dictionary
مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسى
Domain: بىئولوگىيەمىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئاددىي ماددىلاردىن قانداق قىلىپ بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلارنى سىنتېزلاپ ئۆزىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، مىكرو ئورگانىزم بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، يەنى مىكرو ئورگانىزملار ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىتنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ قانداق ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسىنى، تۈزۈلۈشى، مېتابولىزم جەريانى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس ھالدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ كونتروللۇقىدا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پايدىلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ھاسىل قىلىش جەريانى ۋە قانۇنىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەشكە؛ ئەمەلىيەتتە، مىكرو ئورگانىزمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تولۇق قېزىش ۋە پايدىلىنىش زىيانلىق تەرەپلىرىنى توسۇپ ۋە بويسۇندۇرۇپ ئىنسانلار ئۈچۈن بايلىق يارىتىشقا ياردىمى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.