Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېكونگ دەرياسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر梅孔戈河
méi kǒng gē hé
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش ئېقىنى جۇڭگونىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تاڭگولا تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىنى، تايلاند، ۋېيتام، لائوس، كامبودژالارنى بېسپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ دەريانىڭ جۇڭگودىكى قىسمى لەنساڭجياڭ دەپ ئاتىلىدۇ. قالغان قىسمى مېكونگ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. مېكونگ دەرياسىنىڭ ئومىي ئۇزۇنلۇقى 4300 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 795 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېكونگ دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2647 قكىلومېتىرغا يېتىدۇ. مېكونگ دەرياسى شۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى سۇ، سۇ ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، سۇ قاتنىشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ ۋېيتنام، لائوس، كامبودژالارنىڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. مېكونگ دەريا بويىدىكى خەلقلەر نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق ۋە سۇ قاتناش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.