UyghurMain Dictionary
مېكماخون
دۇنيا تارىخى
(1808 - 1893) فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى (1873 - 1879). ياش ۋاقتىدا سانت سېل ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1827 - 1854-يىلىرى ئالجىرىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. قىرىم ۋە ئىتالىيە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1864-يىلىدىكى ماگېنتا جېڭىدە غەلىبە قازىنىپ، گېرتسوگلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1864 - 1870 يىللىرى ئالجىرىيە باش ۋالىيسى بولغان. 1870 - 1871-يىللىرىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا بىرىنچى جۈنتۇەنگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولغان، ئاخىر سېداندا تەسلىم بولغان. كېيىن ۋېرسال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغان. 1893-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ، پادىشاھنى قوغدىغۇچىلاr بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1877-يىلى مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان زۇڭلى ژۇل سېموننى ئىستېپا بېرىشكە قىستاپ، ئاۋام پالاتانى تارقىتىپ، 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر يەنە بىر نۆۋەت ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1879-يىلى 1-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىۋالغان.