Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىكى كىيۇشى
دۇنيا تارىخى
三木清
sān mù qīng
(1897 - 1945) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. كىيوتو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇغان. 1927-يىلى سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى خانى گورو قاتارلىقلار بىلەن پرولېتارىيات ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان. 1930-يىلى ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئاساسەن تارىخىي پەلسەپەنى تەتقىق قىلىپ، <مىكى پەلسەپىسى> سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان ھەمدە خىلمۇ خىل ئوبزورچىلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مانىلاغا 1945-يىلى 3-ئايدا يەنە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ماتېرىيالىزملىق تارىخىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن ھازىرقى زامان ئىدېئولوگىيىسى>، <تارىخىي پەلسەپ>، <پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى توغرىسىدىكى نەزەرىيە> قاتارلىقلار بار ئىدى. كېيىن <مىكى كىيوشى ئەسەرلىرى> دىن 19 توم نەشر قىلىنغان.