Uyghur←ChineseMain Dictionary
مككارران قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
麦卡伦法案
mài kǎ lún fǎ àn
<مككارران - ۋۇد قانۇن لايىھىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1950-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان. خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇن لايىھىسى. بۇنى ئماېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مككارران بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋۇد ئوتتۇرىغا قويغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ، بىرىنچى، ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتىنى باشقۇرۇش قانۇنى؛ ئىككىنچى، جىددىي ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى - كومپارتىيە ئەزالىرىغا پاسپورت تارقىتىپ بېرىشنى مەنئى قىلىش؛ كەڭ دائىرىلىك ھوقۇققا ئىگە بولغان <ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتىنى ئىدارە قىلىش ھەيئىتى> قۇرۇپ چىقىش؛ قوشما شتات سوت مەھكىمىسى ئەتراپىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغۇچىلارنى ئېغىر جازاغا تارتىشتىن ئىبارەت، بۇنىڭدا ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بانىسى بىلەن، ئىلغار زاتلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان. بۇ لايىھىدە قانۇن شەكلى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئىلغار تەشكىلاتلارنى قانۇن قوغدىمايدۇ دەپ جاكارلىغان.