UyghurMain Dictionary
مىكائېل ئاگرىكولا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1510 - 1557) فىنلاندىيە دىن ئىسلاھاتچىسى، فىن ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى. تارمىن لۇتېر ۋە مېلەنچىتوننىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە، ۋېتتېنبۇرگتا ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، تۇركۇ چېركاۋ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1554-يىلىدىن باشلاپ تۇركۇنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. پۈتۈن ئۆمرىنى خەلق تىلىدىكى دىنىي ئەدەبىياتنى يارىتىشقا سەرپ قىلغان. فىنلاندىيە يېزىقىدا يېزىلغان ئىپتىدائىي ئوقۇش كىتابلىرى ۋە <ئىبادەتنامە> دېگەن ئەسەرلىرى بار، يەنە <ئىنجىل> نى فىن تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن فىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇب دىئالېكتىنى ئىشلەتكەن ھەمدە شەرقتىكى بەزى رايونلارنىڭ تىل ئېلېمېنتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، فىنلاندىيىنىڭ يېزىق تىلى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن.