Chinese→UyghurMain Dictionary
缪拉德一世
دۇنيا تارىخى
مۇرات Ⅰ
(1326 - 1389) ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى (1359 - 1389). ئورخاننىڭ كەنجە ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتىپ، ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. 1362-يىلى ئادرىيانوپول (تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە Edirne دەپ ئاتىغان) نى ئالغان ھەمدە پايتەختنى ئۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1369-يىلى فراكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بېسىۋالغان. 1371-يىلى مارىتسا دەرياسى بويىدا سېربىيە، بۇلغارىيە، ۋالاخىيە ۋە ۋېنگرىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكېدونىيىنى بېسىۋېلىپ، ېىزانتىيىنى بويسۇندۇرغان. 1385-يىلى سوفىيىنى ئالغان. ئىكىنچى يىلى يەنە نىشىنى ئالغان، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بويسۇندۇرغان، شەرقتە ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيمچىلىك قىلغان، ئەنقەرەنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، توكاتقىچە بولغان كەڭ زېمىنگە ئىگە بولغان. 1389-يىلى 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كوسوۋو جېڭىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى بايازېت Ⅰ تەختكە چىققان.