UyghurMain Dictionary
مىيتاكا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىنىڭ غەربىدىكى مىتاكا بېكىتىدە يۈز بەرگەن تراللىبۇسنىڭ غەربىدىكى مىتاكا بېكىتىدە يۈز بەرگەن تراللىبۇسنىڭ رېلىستىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىك ۋەقەسى. 1949-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، توكيو شەھىرىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تراللىبۇس مىتاكا بېكىتىدە، شوپۇرى يوق يەتتە تراللىبۇس ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ يولغا چىققان، ئالدىنقى ئۈچ تراللىبۇس رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيى"گە ئۈسۈپ كىرىپ، ئون كىشى ئۆلۈپ، يەتتە كىشى ئېغىر، يەتتە كىشى يېنىك يارىلانغان. باش ۋەزىر يوشىداشگىرو ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن سۆھبەت بايان قىلىپ، <ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى> دەپ ئەيىبلىگەن. تەپتىش دائىرىلىرى بۇ دېلونى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ خادىملارنى قىسقارتىشىغا قارشى كۈرەشتە قوللانغان ھەرىكىتى دەپ قاراپ، مەزكۇر بېكەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئون نەپەر ئەزاسى (بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە كومپارتىيە ئەزالىرى بار) ئۈستىدە ئەرز قىلغان. توكيو يەرلىك ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى 1950-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كېسىم چىقىرىپ، بۇ دېلونى تاكىئۇسى كاگېسۇكې (تراللىبۇس رايونىدىكى تەكشۈرۈش خادىمى، كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس) ئۆزى تۇغدۇردى دەپ ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. قالغان توققۇز كىشى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. توكيو يۇقىرى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى 1951-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تاكىئۇسى كاكېسوكېغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. 1955-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالىي ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ توكيو تۈرمىسىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.