Chinese→UyghurMain Dictionary
米太亚得
دۇنيا تارىخى
مىلتىيادېس
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 554 - 489) قەدىمكى ئافىنا باش قوماندانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تەخمىنەن مىلادىدىن 524 يىل ئىلگىرى تاغىسى مىلتىيادېستىن كېيىن فراكيە كاساندا قۇرغان ئافىنا مۇستەملىكىسىنى ئىدارە قىلغان. مىلادىدىن 499 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى مىلېتوس قاتارلىق يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پېرسىيىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. مىلادىدىن 493-يىل ئىلگىرى ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، سەردار بولۇپ سايلانغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە قوشۇنى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىدىكى مارافونغا بېسىپ كىرگەندە، ئافىنا جىددىي خەۋپ ئىچىدە قېلىپ ئۇ پېرسىيىگە زەربە بېرىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، بۇيرۇق بويىچە باش قوماندان بولغان. ئەسكەرلەرنى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن، تىرىشىپ جەڭ قىلىشقا چاقىرغان. مارافون جېڭىدە پېرسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، شان - شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان. مىلادىدىن 489 يىل ئىلگىرى، پاروس ئارىلىغا (ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) قىلغان ھەربىي يۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان، كىسانتىپو تەرىپىدىن خۇسۇسىي مەنپەئىتىنى قوغلاشتى دەپ ئەيىبلىنىپ، 50 تارانتون ھەربىي چىقىم تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان، يەنە بىر قېتىملىق جەڭدە يارىدار بولۇپ ئۆلگەن (بىر ئېيتىلىشىچە تۆلەم تۆلىيەلمەي تۈرمىدە ئۆلگەن).