UyghurMain Dictionary
مېيېر
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1930) گېرمانىيىلىك بۇرژۇئا تارىخشۇناس. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، دەسلەپتە بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، مەخسۇس شەرق تىلىنى ئۆگەنگەن. 1879-يىلى لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، برېسلاۋل، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قەدىمكى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئوكسفورد، سان - ئاندرۇس، فرېئىبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پەخرىي ئۇنۋانلىرىغا ئىگە بولغان. ئۇ تارىخ قارىشى جەھەتتە يېڭى كانتىزملىقنى ئاساس قىلىپ، تارىخنىڭ قانۇنىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىنكارق ىلىپ، تارىخ ئايرىم شەخسلەرنىڭ <ئەركىن ئىداردىسى> بىلەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى، دەپ ھېسابلىغان. تارىخچىلىققا خىلاپلىق قىلىپ، <تارىخ دەۋرىيلىكى نەزەرىيىسى> نى تەرغىپ قىلىپ، قەدىمكى زامان تارىخىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماننىڭ تەرەققىيات باسقۇچىلىرى ئوخشىشپ كېتىدۇ، قەدىمكى زامان (يۇنان، رىم) نىڭ تارىخ تەرەققىياتىدىمۇ فېئودالىزم ۋە كاپىتالىزم دەۋرلىرى بولغان، يېقىنقى زامان جەمئىيىتىمۇ زۆرۈر بولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، خارابلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى زاماندىكى ھەرقايسى دەۋرلەرگە قايتىپ، دەۋرىيلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىنى ئىنكارق ىلغان. <قەدىمكى زامان تارىخى>، <قەدىمكى زامان ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى>، <يەھۇدىي دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.