Lughet
DictionaryChinese米丘林
ChineseUyghurMain Dictionary

米丘林

دۇنيا يەر - جاي ناملىرى mǐ qiū lín مىچۇرىن دۇنيا تارىخى مىچۇرىن (1855 - 1935) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىئولوگىيە ئالىمى. رېيازان ئوبلاستىنىڭ دوركېيىپ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، پرىكازچىك، مانتيور تېخنىكى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1875-يىلدىن باشلاپ ئۆز مائاشى بىلەن مەبلەغ توپلاپ يەر سېتىۋېلىپ، باغۋەنچىلىك تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللانغان. چار پادىشاھ دائىرلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭزور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن، تەتقىقات خىزمىتىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولغان. مىچۇرىن ئۆزىنىڭ 60 يىللىق تەجرىبە ۋە ئەمەلىيىتى داۋامىدا 300 خىلدىن كۆپرەك ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ ئورگانىك جىسىم بىلەن ئۇنىڭ ياشاش شارائىتى بىرلىكى پرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆسۈملۈك ئورگانىك جىسىمىنىڭ ئۆسۈشۈ ھەمدە ئۇنىڭ ئىرسىيەتچانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. تۇراقسىز ئىرسىيەتچانلىق، نىشانلىق يېتىشۈرۈش، چەتتىن چېتىشتۈرۈش، جىنسىز شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە كۆندۈرۈش قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئىرسىيەتچانلىقىنى ئۆزگەرتىش پرىنسىپلىرى بىلەن ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىچۇرىن تەلىماتىنى بەرپا قىلغان. مىچۈرىننىڭ: <خىزمەت پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى>، <60 يىللىق خىزمەت خۇلاسىلىرىم> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ <مىچۇرىن ئەسەرلىرى> گە كىرگۈزۈلگەن.
Rate this entry

Related words

米丘林学说ChineseUyghur米丘林斯克ChineseUyghur米丘林学说ChineseUyghur
← Search