Chinese→UyghurMain Dictionary
民族联盟
دۇنيا تارىخى
مىللىي ئىتتىپاق
گېرمانىيە لىبېرال بۇردۇئازىيە پارتىيىسى. 1859-يىلى 9-ئايدا ماين دەرياسى بويىدىكى فرانكفورتتا قۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدىكى لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ تارقاق سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي يادروسى 1849-يىلى 6-ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىدىن چېكىنىپ چىققان لىبېرال ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار. ئاساسلىق رەھبەرلىرى بېننىگسېن (1824 - 1902) ۋە شۇلزې - دېلىچ (1808 - 1883) بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ ئاددىمى بار. ئاۋسترىيىنى قوغلاپ چىقىرىپ، پرۇسسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1866-يىلىدىكى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى ۋە كېيىنكى يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى بىلەن، 1867-يىلى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.