Chinese→UyghurMain Dictionary
米洛什
دۇنيا تارىخى
مىلوش
(1780 - 1860) سېربىيە كىنەزى (1815 - 1839، 1858 - 1860). ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. 1804 - 1813-يىللىرىدىكى سېربىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، بىراق قوزغىلاڭ داۋامىدا تۈرۈكلەرنىڭ يەرلىكلەر بىلەن يارىشىشىغا ياردەملىشىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رودىنىك، بوژىكا، كراگوئىۋاتىسدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ ئوبا كىنەزى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. 1815-يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ يۇرتى تاكوۋ يېزىسىدا تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 7-ئايدا رودىنىڭ، ساساك، بوسارىۋاتىس، كرارېۋۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېلىپ، شىمالىي قىسىم رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. سۇيىقەستلىك ۋە پارا بېرىش ۋاسىتىسى بىلەن سېربىيە كىنەزى دېگەن ئۇنۋاننى قولغا كىرەۈزۈۋالغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ېلىشىم ھاسىل قىلىپ سېربىيىنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، پادىشاھ مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. يېزىلاردىكى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى ساقلاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن كەڭ دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى بىلەن فېئوداللارنىڭ توپىلىڭى پارتلىغان. 1839-يىلى ئورنىنى بوشىتىپ بېرىپ، چەت ئەلگە كېتىشىگە مەجبۇر بولغان. 1858-يىلى قايتىپ كېلىپ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن