Chinese→UyghurMain Dictionary
米隆
تارىخ
mǐ lóng
مىلون
دۇنيا تارىخى
مىرون
(مىلادىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) قەدىكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش. مىلادىدىن تەخمىنەن 480 يىل ئىلگىرى، بېئوتىيەنىڭ ئىلېتېرىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى ئافىنا پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقتىن، ئۇمۇ ئافىنالىق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھەيكەلتىراش ئاگېلاداسنىڭ شاگىرتى بولۇپ، فىدىياس بىلەن زامانداش ھەم ئۇنىڭدىن ياش. رېئالىزملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن كىشىلەر بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى سۈرەتلەپ بېرىش، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بىلەن توختىشى تەشكى بولغان بىردەملىك ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ماھىرب ولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپرەك تۇچتىن ياسالغان بولۇپ، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كىلەلمىگەن. ھازىر ساقلىنىۋاتقانلىرى رىم دەۋرىدىكى تەقلىدى قىلىپ ياسالغانلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغىنى <دىسكىچى> ناملىق ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ياش سىپورتچىنىڭ دىسكى ئېتىۋاتقاندىكى بىردەملىك ئوبرازىنى ئىجادىي ھالدا سۈرەتلىگەن. ئۇ جانلىق، ئەينەن بولۇپ، كىشىلەرەە دەل جايىدىكى جىددىيىلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرەەن؛ بۇنىڭدىن بىرى لوندوندىكى بىرىتانىيە مۇزېيىدا، يەنە بىرى رىمدىكى ماسسىمى سارىيىدا ساقلانماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئەسىر <ئافىنا بىلەن مازىيە> مۇ ئادەتتە ئۇنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ، ھازىر رىم بىلەن ئافىنادا (ياكى فرانكفورىتا) ساقلانماقتا.