Chinese→UyghurMain Dictionary
米利都
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǐ lì dōu
مىلېتۇس
دۇنيا تارىخى
مىلېتۇس
قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ مۇھىم شەھىرى. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مېندېر قىلىنغان. گومېرنىڭ داستانى <ئىليادا> دا ئۇنى كارىيەدەپ ئاتىغان؛ دەسلەپكى دەۋرلەردە لېلېگېس دەپمۇ ئاتالغان. بۇ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئىچىدە لېلېگېلار تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شەھەر سېپىل بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئىچكى - تاشقى شەھەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. پۈتۈن دائىرىسى مىنېدېر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلۇپ مىكالىي دېڭىز تۇمشۇقىغىچە بارىدۇ. جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ پوسىدىئۇمغىچە بارىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ، ئاۋات - باي سودا سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ يۇڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان، ئۇنىڭ سودا دائىرىسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىغىچە يەتكەن. مىلىتۇسلار قارا دېڭىز بويلىرىدا بىر تۈركۈم مۇستەملىكە شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى سېنوپ، ئابىدوس، تومى، ئاپوللونىيە (فراكىيىدە)، پانىتكا - پېئوم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مىسىر نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە نۇكراتىس شەھىرىنى بەرپا قىلغان. مىلتوس قەدىمكى يۇنان (بولۇپمۇ دەسلەپكى دەۋرىدىكى) مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىرى. مىلېتوس تەبىئەت پەلسەپىسى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ماكانى، يۇناننىڭ <يەتتە ئەۋلىياسى> ئىچىدىكى تالېسىس بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كۇرۇشنىڭ سەركەردىسى ھارپاگۇ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئۇزاق مۇددەت پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنغان. مىلاددىىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىلېتوسنىڭ تىرانى ئارىستا گورا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزەىلىدە، كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيە شەھەرلىرىنىڭ پېرسىيىگە قارشى قوزغىلىڭىنىڭ تايانچى پونكىتىغا ئايلانغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شەھەر ۋەيران قىلىنغان، بۇ ۋەقە يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ماكېدونىيە، رىم قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ خارابىلىرى ئارخېئولوگلارنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى (دەريا قىنى بىلەن دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن، تەكشۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغۇلغان) ئارقىلىق ئاخىرى تېپىلغان.
Rate this entry