Chinese→UyghurMain Dictionary
米兰敕令
دىن
mǐ lán chì lìng
基
خىرىستيان دىنى
مىلان يارلىقى، مىلان ئەمرى
دۇنيا تارىخى
مىلان پەرمانى
<كەچۈرۈم قىلىش پەرمانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى تەرىپىدىن چىقىرىلغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇش ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنلۇق ھالدا مەۋجۇت بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىش پەرمانى. مىلادىن 313-يىلى كونستانتىن Ⅰ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان لىسنى (تەخمىنەن 270 - 325-يىللىرى) ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ھەر خىل دىنلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش، رىمدىكى ئەسلىدىكى دىنلارنىڭ كونا تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قويۇش، خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان يىغىلىش سورۇنلىرى ۋە چېركاۋلارنىڭ مال - مۈلكىنى ھەقسىز قايتۇرۇپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. پەرماننىڭ ئاساسىي مەقسىتى: ئىمپېرىيە تەۋەسىدە خرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۇنجى قېتىم چېركاۋنىڭ مال - منۈلۈككە ئىگە بولۇشىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى بىلەن تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئادەتتە رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماڭغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.
Rate this entry