Chinese→UyghurMain Dictionary
密环菌
بىئولوگىيە
ئارمىللارىيە زەمبۇرۇغى
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ خالتىلىق سپورا تېنى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، زەمبۇرۇغ قالپىقى گۆشلەشكەن بولۇپ، پىقاندا چۈرۈك بولىدۇدىئامېترى 4 - 11 سانتىمېتر كېلىدۇ. يۈزى قېنىق سېرىق، سۇس سېرىق، توپا رەڭ ياكى ئاچ سارغۇچ قوڭۇر بولۇپ، يېپىنچىسىدا قېنىق رەڭلىك تەڭگىچە ياپراقچىلار بولىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى نىسبەتەن زىچ، ئەتراپىدا يوللۇق سىزىقچىلار بولىدۇ، زەمبۇرۇغ گۆشى ئاق ياكى ئاققا مايىلراق بولىدۇ. زەمبۇرۇغ سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 - 31 سانتىمېتر، دىئامېترى 4 - 10 مىللىمېتر كېلىدۇ. زەمبۇرۇغ ھالقىسى زەمبۇرۇغ سېپىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئۇ بىر ئاز قېلىن بولۇپ بەزىدە قوش ھالقا بولىدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ. شەمشاد ياكى بوك ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ھەمدە كۆپ خىل كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە، ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرەخ يىلتىزىدا ئۆسۈپ يىلتىز چىرىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق ۋاقىتتا نۇر چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى يەنە يىلتىزسىمان زەمبۇرۇغ يىپىنى ھاسىل قىلىپ، تۇپراققا تېشىپ كىرىدۇ ياكى باشقا ئاساسىي ماددىلارنىڭ يۈزىگە يېپىشىدۇ. ئارمىلارىيە زەمبۇرۇغى خېبېي، شەنشى، گۇاڭشى، سچۇەن، يۈننەن، خۇبېي، جېجياڭ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ خالتىلىق سپورا تېنىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ جۇڭگوچە دورا گاسترودىيە ئوتىنىڭ ئوزۇقلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گاسترودىيە ئوتىنى تېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئارمىللارىيە زەمبۇرۇغىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن گاسترودىيە ئوتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئارمىللارىيە زەمبۇرۇغى ئۆسكەن ماتېرىيالنىڭ يۈزىگە چاپلاپ تۇپراققا چۆكتۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
باغۋەنچىلىك,ئورمانچىلىق
mì huán jūn
ھالقىسىمان قالپاقلىق زەمبۇرۇغ