Chinese→UyghurMain Dictionary
米海尔三世
دۇنيا تارىخى
مىخائېل Ⅲ
(839 - 876) مىكائېل Ⅲ دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (842 - 867). يېشىغا توشماي تەختكە چىققان. مىلادى 856-يىلىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاپىسى تېئودورا (؟ - 786) نائىب بولغان. تەختتىكى مەزگىلىدە <بۇتقا چوقۇنۇش> (<بۇت چېقىش ھەرىكىتى> گە قارالسۇن) نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 860-يىلى روس ئارمىيىسىنىڭ كونستانتىنوپولغا قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 861-يىلى بۇلغارىيىنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى خرىسىتان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 863-يىلى كىچىك ئاسىيادا ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېفرات دەرياسىغىچە قوغلاپ بارغان. 867-يىلى ئۆزىنىڭ يېقىنقى باسېل G تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.