Chinese→UyghurMain Dictionary
米尔.贾法尔
دۇنيا تارىخى
مىرجافار
(1691 - 1765) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېنگال ناۋابى (ھۆكۈمرانى، 1757 - 1760، 1763 - 1765). بېنگال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، پلاسېي جېڭىدە ئەنگلاىيە ئارمىيىسىگە ئاستىرتىن ياردەم بېرىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئىنگلىزلارنىڭ يۆلىشى بىلەن بېنگالنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە 24 <پارگانا> (يەنى ناھىيە) زېمىنىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن، 17 مىليون روپىيىدىن كۆپرەك پۇل تۆلىگەن ھەمدە 1757-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شەتنامە تۈزۈپ ئىنەلىزلارغا بېقىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيە بىلەن يېڭى ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلغان، قوشۇننى قىسقارتىپ، ئەنگلىيە ئاشتۇزى سودا چېگرا بېجىنى تۆۋەنلەتكەن، ئەنەلىيىگە زور مىقداردا ئۇرۇش خىراجىتى تاپشۇرۇپ، بېنگال ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان.