Chinese→UyghurMain Dictionary
米菜蒂奇
دۇنيا تارىخى
مىلېتىچ
( 1826 - 1901) سېربىيە لىبېراللار پارتىيىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئالىي قانۇن سىياسىي مەكتىپى ۋە ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. 1848-يىلى ۋويۋودىنادا سېربىيە بۇرژۇئا سىياسىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، رادىكاللار تەشكىلاتىغا بەرگەن. 1860-يىلدىن باشلاپ گېزىت تەھرىرى بولغان. 1864-يىلى سېربىيە دىنىي كېڭەشمىسىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1865-يىلى ۋېنگرىيە خورۋاتىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1866-يىلى <پوست> (<تۇغ>) گېزىتىنى نەشر قىلغان. بۇ گېزىت كېيىنرەك لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئورگان گېزىتىگە ئايلىنىپ، سېربىيە ياشلار جەمئىيىتى ۋە بۇلغارىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى تەشۋىقات بازىسى بىلەن تەمىنلىگەن. مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ۋېنگرىيە دائىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 80-يىللىرى سىياسىي پائالىيەتتىن چېكىنىپ چىققان.