UyghurMain Dictionary
مېھىر مۇھەببەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«مېھىر - مۇھەببەت»چوڭقۇر سۆيگۈ ھېسى، بەك ياخشى كۆرۈش.
نەپرەت، غەزەپ - نەپرەت
قاتتىق يىرگىنىش ھېسى، بەك يامان كۆرۈش.
مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت. نەپرەت سۆزدىن بىلىنەر، مۇھەببەت كۆزدىن. زاھىدغا سەللىنىڭ نېمە كېرىكى، مۇھەببەتكە دەللىنىڭ نېمە كېرىكى. دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تۇغقان ئەمەس، لېكىن بۇلارنى ئايرىماق تەس. كىم مېھىر كۆرسەتسە يىرتقۇچ بۆرىگە، ئازابلىق دەرد قوشتى قوينىڭ دەردىگە. مېھىر - مۇھەببىتى چىڭ بولسا، غەزەپ - نەپرىتى قاتتىق بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مېھىر ۋە مۇھەببەت، كۆيۈنۈش.
تاھىر ئاخۇن ئاكا ئۇلارنى ئاتىلىق قۇچىقىنى ئېچىپ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ۋە مىسلىسىز قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى.