UyghurMain Dictionary
مېھراب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەسچىتنىڭ قىبلە تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك كېمىر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىمام مېھرابنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئادەتتە مېھراب خىش ۋە تاش بىلەن سېلىنىدۇ. بەزىلىرى ياغاچ - كېسەك بىلەنمۇ سېلىنىدۇ. ئومۇمەن 708 - يىلى خەلىپە ۋەلىد (705 - يىلىدىن 715 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) مەسچىتكە مېھراب سالدۇرغان، دەپ قارىلىدۇ. دەسلەپكى چاغلاردا مېھرابنىڭ چۆرىسى ھېچقانداق زىننەتلەنمىگەن. كېيىن ھەر خىل نۇسخىلار سىزىلىپ ۋە سۈرە - ئايەتلەر يىزىلىپ زىننەتلىنىدىغان بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى ئىمام تۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىغا ئويۇپ چىقىرىلغان گۈمبەزسىمان قۇرۇلما.
جۈمە ياكى مۇناسىۋەتلىك نامازلاردا ئىمامنىڭ خۇتبە ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلانغان، تەكشىلىكتىن ئېگىزرەك بولغان جاي.!