UyghurMain Dictionary
مەزلۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زۇلۇم كۆرگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان.
ئاجىز، بىچارە:
ئايال كىشى:
كى ئەركان دەۋلەتكە بەردى خەبەر،
كى مەزلۇم ئىدىم، چۈن يېتىپ كەلدى ئەر.
ئا. نىزارى.
3. ھارام ئېرمىش ۋەگەر مەزلۇملارنىڭ باڭى ئاۋازى،
ۋەگەر بىگانەلەرنىڭ سۇھبەتى ھەمرازى - ھەمرازى.
موللا نىياز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. يېزت. زۇلۇم ئاستىدا قالغان، خارلانغان، ئېزىلگەن.
مەزلۇم خەلقلەر. مەزلۇم مىللەتلەر.
ئى. ئايال، رەپىقە.
رەھىمەنىڭ ئاپىسى ياۋاش مەزلۇم ئىدى.