UyghurMain Dictionary
مەخپىي تۆمۈريول
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلغۇچىلارنىڭ نىگېر قۇللارنىڭ جەنۇبتىن قېچىپ كېتىپ، ھۈرلۈككە ئېرىشىشىگە مەخپىي ياردەم بەرگۈچى تەشكىلات. 18 - ئەسىردە مەيدانغا كېلىپ، 19 -ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى كەڭ تارقالغان. 40-يىللارغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلار بولغان. ئىكى يول بولۇپ، بىرى، جەنۇبتىن چىقىپ، ئوھىنئو ئارقىلىق كاناداغا بارىدىغان ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى يول، يەنە بىرى، شەرقىي دېڭىز بويى بىلەن مېڭىپ، جەنۇبتىن شىمالغا كېلىدىغان يول. ئۇنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا دىرېكتور (قاچقان قۇللارنى تەشكىللىگۈچى)، بېكەت (قاچقان قۇللار ئوزۇقلىنىدىغان ۋە يېتىپ - قوپۇشتا يوشۇرىنىدىغان جاي)، بېكەت باشلىقى (قاچقان قۇللاrنىڭ يېتىپ قوپۇشىغا مەسئۇل بولغان كىشى)، خىزمەتچى (قاچقان قۇللارنى يول باشلىغۇچى)، مېھمان (قاچقان قۇل) لاردىن ئىبارەت. قاچقان قۇللار <تۆمۈر يول> خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن گىرىم قىلىش، ئۈزۈپ ئۆتۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، جەنۇبتىن قېچىپ كەتكەن. بۇ باتۇرانە ھەرىكەت جەنۇبتىكى قۇلدارلارنى 1810 - 1850-يىللىرى ئارىلىقىدا 100 مىڭ قۇلدىن مەھرۇم قىلىپ، 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى <قىممىتى> دە زىيانغا ئۇچرىتىپ، جەنۇبنىڭ قۇللۇقتۈزۈمىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن.