UyghurMain Dictionary
مەستەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېكولوگىيە جەھەتتىن يازغى بۇغدايغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇرۇقى زەھەرلىك دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئەسلىدە زەھەرلىك ئەمەس. باشىقىدا پارازىت ياشايدىغان بىر خىل باكتېرىيە زەھەرلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇرۇقىنى زەھەرلەيدۇ. زەھەرلەنگەن ئۇرۇقىنى يەپ سالغان ئادەم ياكى ھايۋان زەھەرلىنىدۇ، كۆپرەك يېسە ئۆلىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.