UyghurMain Dictionary
مەسىلە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەل قىلىنىشى لازىم بولغان، بەھىس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش - ھەرىكەت.
<مۇئەمما>، <پروپلىما> ھازىر كەمدىن - كەم ئىشلىتىلىدۇ.
ھەممە ئادەم نادانمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مەسىلىدە. ھەل قىلالماس تېۋىپلار بار بىر مۇئەمما، توققۇز شېشىدىمۇ يوق ئەجەلگە دەۋا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەل قىلىنىشى لازىم بولغان ئىش، ھەرىكەت، ۋەزىپە.
- ھازىر بىز بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق، - دېدى مەتروزى.
كۆڭۈلگە يېقىپ كەتمەيدىغان بىرەر ئىش؛ نۇقسان، چاتاق، ئېۋەن.
ئاشلىق سېتىۋېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتىمۇ مەسىلە تۇرىدۇ.
<مات> مەلۇم سانلار ۋە تېگىشلىك مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا نامەلۇم سانلارنى تېپىش ئۈچۈن ھېكايە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماتېماتىك ۋەزىپە.
مەسىلىنى چىقارماق.
دىنىي ئەقىدىلەر توغرىسىدىكى سوئال - جاۋاب.
مەسىلە قىلماق. مەسىلە ئېيتماق.