UyghurMain Dictionary
مەشغۇلاتلىق شەرتلىك رېفلېكس
پسىخولوگىيە
بۇ « قورال خاراكتېرلىك شەرتلىك رېفلېكس » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكىلىق پىسخولوگ سكىننېرنىڭ ئۆگنىش نەزەرىيىسىدىكى بىر ئاساسىي ئۇقۇم. بۇ ھايۋاننىڭ ئۆزى شۇغۇللانغان پائالىيەت ( ئىنكاس ) بىلەن كۈچەيتىلىپ شەكىللەنگەن بىر خىل شەرتلىك رېفلېكستىن ئىبارەت. سېكىننېر چاشقان ئۈستىدە ئېكسپېرمىنتال تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، قەپەزدىكى چاشقانغا كۇنۇپكا دەسسەشنى ئۆگەتكەن. چاشقان ھەر قېتىم كۇنۇپكىنى باسقاندا، يېمەكلىك بېرىلىپ كۈچەيتىلگەن. بۇئەھۋال بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئاچ چاشقاندا كۇنۇپكىنى بېسىپ يېمەكلىككە ئېرىشىش شەرتلىك رېفلېكس ياكى مەشغۇلات ئۆگىنىش دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭچە مەشغۇلاتلىق ئۆگىنىش پاۋلوۋنىڭ كلاسسك شەرتلىك رېفلېكس ئۆگىنىشىدىن پەرق قىلارمىش: كلاسسك شەرتلىك رېفلېكس ئۆگىنىشى بىر S ( تەسىر ) _ R ( ئىنكاس ) جەريانى بولۇپ، مەشغۇلاتلىق ئۆگىنىش بولسا، بىر S - R جەريانى ئىمىش.