UyghurMain Dictionary
مەسەل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەخلاقىي، تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان ۋە ھەجۋىي تۈستىكى ئوبرازلاشتۇرۇلغان كىچىك شېئىرىي ياكى نەسرى ئەسەر.
ئىنسان خاراكتېرىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر مەسەلدە كىنايىلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەقەلەر ھايۋانات، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئوبرازلار كىنايىلىك خاراكتېردە بولۇشتىن تاشقىرى، كۈلكىلىك ھەم سوئال - جاۋاب شەكلىدە بولىدۇ. مەسەللەردە مۇبالىغە قىلىش، كۆپتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلار تەنقىد قىلىنىدۇ. مەسەل _ سۆز سەنئىتىنىڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرىدىن بىرى. ئانتىك ئەدەبىياتتا ئىزوپ مەسەللىرى مەشھۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ مەسەلچىلىك ئۆز رولىنى كۆرسەتمەكتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەقەلەر ھايۋانات ۋە ناباتاتلارغا كۆچۈرۈلۈپ ئىپادىلەنگەن كىچىك شېئىرى ياكى نەسرىي ئەسەر.
مەسەل سۆز سەنئىتىنىڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرىدىن بىرى. ئىزوپ مەسەللىرى دۇنياۋى ئەدەبىياتتا مەشھۇر. <كەلىلە ۋە دېمىنە> مەسەللەر قامۇسىدۇر. مەسەلگە بۇلبۇلنىڭ قورسىقى تويماس.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
مەسەل بىرەر ئىش - ۋەقە ئوخشىتىش خاراكتېرلىك ھېكايىنىڭ ياردىمىدە چۈشەندۈرۈلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ھەجىمى كىچىك، سۇژىتى (ۋەقەلىكى) ئاددىي، ئادەتتە كىنايىلىك ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ھېكايىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.
مەسەللەرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى: ئۇنىڭ باش تېمىسىغا بىرەر كىنايە يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدا بىرەر مۇرەككەپ قائىدە ئاددىي ھېكايە ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مەسىلەن، «ئۈجمە تېگىدە ئولتۇرۇپ توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش» دېگەن مەسەلدە توشقاننى قانداق كۈتۈش كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلۈپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى مۇنداق بىر ئومۇمىي ۋە ئابستراكت قائىدىنى: ناۋادا شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تاسادىپىيلىقى مۇقەررەرلىك دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا مۇنداق تاسادىپىيلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىنى كۈتۈش ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىك بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. بەزى كىنايىلىك مەسەللەرنىڭ مەنىسى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا ئۇنىڭدا ئومۇمىي ۋە چوڭقۇر مەنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
مەسەللەردە ئادەتتە ئادەم باش قەھرىمان بولىدۇ، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر باش قەھرىمان بولىدىغانلىرىمۇ بار، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر باش قەھرىمان بولىدىغان مەسەللەردە ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئادەملەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسەللەرنىڭ ھامان ھېكايىسى بولىدۇ. ئەمما، سۇژىتى ئەگرى - توقاي، مۇرەككەپ بولمايدۇ. ھەمىشە مۇبالىغە ۋە تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئەمما بىمەنىلىك دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ. مەسەللەردە ئوخشىتىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ئوخشىتىش خاراكتېرلىك ھېكايىنىڭ ياردىمىدە ئومۇمىي ئەھمىيىتى بار قائىدىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
مەسەل ئىجادىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەمىنىيە − يېغىلىق دەۋرلىرىدە تازا ئەۋج ئالغان، «ئۆز - ئۆزىگە زىت»، «ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇشى»، «ياچىۋەك تومۇزغىنىڭ كويىدا يۈرسە، سېرىق قۇشقاچ ياچىۋەكنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ»، «يېگۇڭنىڭ ئەجدىھانى ياخشى كۆرۈشى» قاتارلىق مەسەللەر ئىنتايىن نادىر ئەسەرلەردۇر. كېيىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ليۇ زۇڭيۈەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ليۇ جى قاتارلىقلارمۇ «گۇيجۇ ئېشىكى»، «ئاپېلسىن ساتقۇچىنىڭ ۋەسىيىتى» قاتارلىق مەشھۇر مەسەللەرنى يازغان.
چەت ئەللەردە «ئىزوپ مەسەللىرى» مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرلەردە يۇناندا كەڭ تارالغان. ھازىر بىز كۆرۈپ يۈرگەن «ئىزوپ مەسەللىرى» نى كېيىنكىلەر توپلاپ كىتاب قىلغان. ئۇنىڭغا3 -4 يۈز مەسەل كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەم خەلقنىڭ ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەش تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئەد> ئەخلاقىي تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان ۋە ھەجۋىي تۈستىكى ئوبرازلاشتۇرۇلغان كىچىك شېئىرىي ياكى نەسرىي ئەسەر. كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەقەلەر ھايۋانات، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئوبرازلار كىنايىلىك خاراكتېرىدە بولۇشتىن تاشقىرى، كۈلكىلىك بولىدۇ.
ئوخشاش.
بويۇڭدىن ئۆرگىلەي ئاي مەسەل يارىم، نېمە شۇنچە ئاھۇ - ئەيغان ئېتەرسەن.