UyghurMain Dictionary
مەرۋايىت مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شىمالىي شتاتتىكى ئاگرا شەھىرىدە. موغۇل سۇلالىسىنىڭ شاھى شاھ جاھان 1654 - يىلى سالدۇرغان. ئەينى چاغدا بۇ مەسچىت خان شەھىرى ئاگرا قەلئەسىدىكى ئەڭ كاتتا بىنالارنىڭ بىرى بولغان. مەسچىتنىڭ ھويلىسى چاسا بولۇپ، تۆت تەرەپتىكى يولغا ئاق تاش ياتقۇزۇلغان ھەمدە تۈۋرۈكلۈك كارىدور ياسالغان. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاسا كۆل تەييارلانغان. ئاساسىي ئىمارەت ئۇزۇنچاق چاسا بولۇپ، كەڭلىكى 57 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 72 مېتىر كېلىدۇ. مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپىگە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئالتە ئىشىك قويۇلغان. ئىشىكلەرنىڭ ئىچىدە بىر - بىرىگە تۇتاش تۈۋرۈكلۈك ئالتە زال بار. بۇ زاللارنى بويلىما يۆنىلىشلىك ئەگرى ئىشىكلەر ئايرىپ تۇرىدۇ؛ ئوتتۇرىسىدىكى تۈۋرۈكلۈك زالدىن ئۆتكەندە نامازخانىغا كىرگىلى بولىدۇ. نامازخانىلارنىڭ ئىچى مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان. زاللارنىڭ ئوتتۇرىسى ئاق مەرمەر تاش بىلەن نازۇك ئىشلەنگەن ترسىمان توساقتا ئايرىۋېتىلگەن. ئاساسىي ئىمارەتنىڭ سىرتىغا رەڭگى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تاش ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن ئالاھىدە سەزگۈ ئۈنۈمى ھاسىل بولغان. ئۇزۇنچاق چاسا قىسمىغا قىزىل شېغىل تاختا چاپلىنىپ، قېنىق قىزىل رەڭ ھاسىل قىلىنغان؛ ئۆگزىنىڭ لەمپىدىن يۇقىرى قىسمى ئۈچ چوڭ گۈمبەزنى، تۆت بۇرجەكلىك تۈۋرۈكلۈك ئالتە سايىۋەننى ۋە چوڭ دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتە سايىۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان. ئادەم قارىسا، كۆزنى چاقنىتىدۇ. سېلىشتۇرمىسى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.